ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ مىسسورى ئىشتاتىدا ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

364946
ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسسورى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشتا پاسسىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەكتەپ مۇدىرى توم ۋولفنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
ئالىي مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى قارا رەڭلىك فورما كىيىۋالغان ماھىرلارمۇ مەكتەپ مۇدىرى ئىستېپا بەرگۈچە مۇسابىقىگە چۈشمەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرۇشتى.
ئوقۇغۇچىلار ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغان بۇ ئالىي مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى توم ۋولفنىڭ ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا ئىرقچى كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نارازىلىقلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىشىغا قارىتا، مەكتەپ مۇدىرى ۋولف مەكتەپتە ساقلىنىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىشكە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
مىسسرو ئىشتاتىنىڭ فېرفۇسۇن شەھىرىدە 2014-يىلى مايكېل بىروۋننى ئۆلتۈرگەن ساقچنى سوتلاشقا كېرەك يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قارار چىقارغان سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى قاتتىق نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىرقچىلىق بەس-مۇنازىرىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر