رۇسىيە ئىراننى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ

رۇسىيە ئىرانغاS-300 تىپلىق راكىتامىيۇتلارنى سېتىپ بېرىدۇ.

364952
رۇسىيە ئىراننى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى، ئوتتۇرا مۇساپىلىق S-300 تىپلىق راكىتامىيۇتلارنى ئىرانغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بولدى.
رۇسىيە S-300تىپلىق راكىتامىيۇتلارنى ئىرانغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
دۇبەيدىكى قورال-ياراغ يەرمەنكىسىدە سۆز قىلغان روستېك ئىسىملىك بىر رۇس قورال-ياراغ شىركىتىنىڭ باشلىقى سېرگېي چىمېزوۋ، قورال-ياراغلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە رۇسىيە ئۈستىدىن قىلغان 4 مىليارد دوللارلىق تۆلەم ئەرزىسىنى قايتۇرۋالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
S-300تىپلىق راكىتامىيۇتلارنىڭ قايسى خىل شەكلىنىڭ قاچان ئىرانغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
رۇسىيە 2007-يىلى ئىرانغا 5 يۈرۈش S-300 تىپلىق راكىتامىيۇت سېتىپ بېرىش توغرىسىدا ئىران بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئىران 800 مىليون دوللارنىڭ 166 مىليون دوللىرىنى ئالدىن تاپشۇرغانىدى.
بىراق 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى سەۋەبىدىن، رۇسىيە ئىرانغا راكىتامىيۇت سېتىشنى توختىتىپ قويغانىدى. ئىران بىلەن ھاسىل بولغان يادرو كېلىشىمى ئىراننىڭ S-300 تىپلىق راكىتامىيۇتلارنى سېتىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا ئىرانغا راكىتامىيۇت سېتىپ بېرىشنى توختىتىپ قويۇش قارارىنى بېكار قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر