ئىسرائىلىيەنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئىزاك ئىۋان ئۆلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ 1978، 1983 – يىللىرى ئارىسىدىكى پىرېزىدېنتى ئىزاك ناۋون 94 يېشىدا ئۆلدى.

413257
ئىسرائىلىيەنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئىزاك ئىۋان ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇستا دۇنياغا كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئىزاك ناۋون ئانا تەرىپى ماراكەشدىن، ئاتا تەرىپى ئوسمانلىلاردىن پاناھلىق تىلىگەن ئىسپانىيە يەھۇدىيلىرىدىن بولۇپ، پەلەستىنلىكلەرنى قىرغىن قىلىش بىلەن تونۇلغان ‹ھاگانا› ناملىق قوراللىق زىيۇنىست تەشكىلاتقا 1940 – يىللاردا ئەزا بولغان. ئەرەبلەر ياشايدىغان كۆپلىگەن يېزىلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلىغان مەزكۇر تەشكىلاتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئىزاك ناۋون پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە مىسىر پىرېزىدېنتى ئەنۋەر سادات بىلەن ئىسرائىلىيەدە كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1978- يىلى ئىمزالانغان ‹كەمپ دېيۋىد كېلىشىمى› دەپ مۇھىم رول ئوينىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر