سۈرىيەدىكى بومباردىمان يەنە پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بومباردىمانلاردا ئالتە نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 23 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

413255
سۈرىيەدىكى بومباردىمان يەنە پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەمەشىقنىڭ دۇما ناھىيەسىدىكى بىر بازار بومبارىمان قىلىنىپ 23 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يارىدارلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دوختۇرلار، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

دۇمانىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۆكتىچىلەر، ھۇجۇمنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. سۈرىيە ئارمىيەسىمۇ ھەلەبنىڭ جەنۇبىدا ئەننۇسرە تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، تەشكىلات ئەزالىرىنى بىر يەردە قورشىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دائېش ئۆتكەن فېۋرال ئېيىدا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھاسەكە ۋىلايىتىدىن تۇتۇپ كەتكەن 220 سۈريانىنىڭ 37 سىنى قويۇپ بەردى. مەزكۇر كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چېركاۋنىڭ دائېشقا فىدىيە تۆلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر