ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە ئاسمىنىدا ‹ئالاقە سىنىقى› ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۇنجى قېتىم سۈرىيە ئاسمىنىدا ‹ئالاقە ئورنىتىشنى سىناپ› باقتى.

363031
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە ئاسمىنىدا ‹ئالاقە سىنىقى› ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، بىر ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بىر رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قاتار ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىمزالانغان ئۇچۇش بىخەتەرلىكى كېلىشىمىگە ئاساسەن، پىلانلىق ھالدا ئالاقە ئورنىتىشنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، سىناقنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان دائېشقا قارشى بىرلەشمىگە قېتىلغان بارلىق دۆلەت ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىخەتەر ئۇچۇش كېلىشىمنىڭ رۇھىغا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئالاقىلىشىش سىنىقى 3 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر