رۇسىيە ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بايقاشلار ئېلان قىلىندى

مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا 2015 - يىلى 31 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردە يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

362839
رۇسىيە ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بايقاشلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى يېڭى بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ھاۋادا ئىلگىرى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان ئاۋازلارنىڭ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاۋازلار چىقشىتىن بۇرۇن ئۇچقۇچىلار بىلەن ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ نورمال سۆھبەتلىرى بولغان.
رۇسىيە دائىرىلىرى ئايروپىلاننىڭ ھاۋادا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.
ئامېرىكا بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان رەسىملەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا CBS ۋە NBC تېلېۋىزىيە قاناللىرى سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان رەسىملەردە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا سىنا يېرىم ئارىلىدا بىر نۇر توپىنىڭ بايقالغانلىقىنى، ئەمما ئايروپىلاننىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئىسپاتنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) قا قاراشلىق بىر قانچە گۇرۇپپا ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. رۇسىيە بىلەن مىسىر بولسا، بۇنى رەت قىلغان ئىدى.
رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرىنى يىغىش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر