خىتاي ئۇچۇر - ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بەردى
خىتاي «ChinaSat 2C» ئۇچۇر - ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بەردى.
410451
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاۋىياتسىيە ۋە تېخنولوگىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان «ChinaSat 2C» سۈنئىي ھەمراھى ‹‹ئۇزۇن سەپەر›› ناملىق توشىغۇچى راكېتالار ئارقىلىق سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12.25 تە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سۈنئىي ھەمراھ خىتاينىڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە كەڭ بەلۋاغ ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.