رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ قېتىممۇ پۇقرالارنى بومباردىمان قىلدى
رۇس ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا.
408525
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدىكى بىر ناۋايخانىنى بوماردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 18 كىشى يارىلاندى.
رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى كۆپلىگەن جايلاردا ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلماقتا.