دۇنيادا ھەر 10 مېنۇتتا بىر ۋەتەنسىز بوۋاق تۇغىلىدۇ

20 گە يىقىن دۆلەتتە ھەر يىل ئەڭ ئاز دېگەندە 70 مىڭ ۋەتەنسىز بوۋاق دۇنياغا كېلىدۇ.

409141
دۇنيادا ھەر 10 مېنۇتتا بىر ۋەتەنسىز بوۋاق تۇغىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقى دۇنيادا ھەر 10 مېنۇتتا بىر ۋەتەنسىز بوۋاق تۇغىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقى، 250 دىن ئارتۇق ۋەتەنسىز ئۆسمۈر ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تەييارلىغان «ۋەتەنسىز ئۆسمۈرلەر» دوكلاتىدا، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئايرىمچىلىق، چەتكە قېقىلىش، ئۈمىتسىزلىك قاتارلىق ئورتاق تۇيغۇلارغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا 7 دۆلەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن ۋەتەنسىز ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزىنى «ئەرزىمەس، ئالاھىدىلىكى بولمىغان، يات، باشقىلارنىڭ سايىسىدا ياشايدىغان، كوچا ئىتلىرىغا ئوخشاش سەرگەردان» ھېس قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋەتەنسىز ئىنسانلارنىڭ مائارىپ سەھىيە ۋە ئىش ساھەلىرىدە ئىنتايىن قىيىن توسالغۇلارغا دۇچار بولىدىغانلىقى، ۋەتەنسىزلىكنىڭ بۇ كىشىلەردە پىسخىئولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتقا كۆرە، ئىرقىي كىملىكى، دىنى، ئۇرۇش، يۇرت - ماكانلىرىدىن قوغلاندى بولۇش... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھېج بىر يەرگە تەۋە بولالمىغان كىشىلەر ياشايدىغان 20 گە يىقىن دۆلەتتە ھەر يىل ئەڭ ئاز دېگەندە 70 مىڭ ۋەتەنسىز بوۋاق دۇنياغا كېلىدىكەن.
دۇنيا مىقياسىدا بولسا ھەر 10 مىنۇتتا بىر ۋەتەنسىز بۇۋاق تۇغىلىدىكەن. 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تۇغۇت كېنىشكىسى بولمىغان ۋەتەنسىز بۇۋاقلار سەھىيە خىزمىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن، ئاز دېگەندىمۇ 20 دۆلەتتە، ۋەتەنسىز بالىلارغا ۋاكېسىن ئۇرۇلمايدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، دۇنيادا 10 مىليون ۋەتەنسىز ئىنسان بولۇپ، تەشكىلات ئالدىنقى يىلى باشلىغان يەر شارى خاراكتېرلىك سەپەرۋەرلىك دائىرىسىدە ھېچ بىر دۆلەت تەۋەلىكىدە بولمىغان مىليونلىغان ۋەتەنسىز كىشىلەرنىڭ مەسلىسىنى 10 يىل ئىچىدە ھەل قىلىشنى نىشان قىلىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بالىلارغا تۇغۇلغان دۆلەتلەرنىڭ پۇخرالىقىغا ئېلىنىشى ۋە ئانىلىرىنىڭمۇ دادىسىغا ئوخشاش پەرزەنتلىرىنى ئۆز نۇپۇسىغا يازدۇرالايدىغان ھوقۇققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ قايتىدىن رەتكە سېلىنىشى لازىملىقى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر