رۇسىيە ماتەمگە چۆمدى

رۇسىيە مىسىردا مەيدانغا كەلگەن ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغان پۇقرالىرى ئۈچۈن ماتەمگە چۆمدى.

406302
رۇسىيە ماتەمگە چۆمدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغان 224 كىشى ئۈچۈن رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 1-نويابىرنى ماتەم كۈنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كولاۋىيا مېتروجېتكە تەۋە A-320 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانى شارم ئەل شەيختىن رۇسىيەنىڭ سان پېتېرسبۇرگ شەھىرىگە ئۇچۇش ئۈچۈن قوزغالغانىدى.
ئايرۇپىلان قوزغىلىپ 23 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى. چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلان ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئايرۇپىلاندا 17سى بالا بولۇپ جەمئىي 224 كىشى بار ئىدى.
ئەل ئەرىشنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەل ھاسەنە رايونىدا بۇ ئايرۇپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى. ئايرۇپىلان لىيۇتچۈكىنىڭ باشتىلا ئايرۇپىلاندا تېخنىكىلىق كاشىلا چىققانلىقىنى، شۇڭلاشقا قونۇش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلارغا بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئايرۇپىلان ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزالىرى ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە ئۇچۇر تارقىتىپ ئايرۇپىلاننى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
رۇسىيە قاتناش مىنىستىرى دائېشنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فىرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى لۇفتانسا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، سىنا يېرىم ئارىلىغا ئايرۇپىلان سەپەرلىرىنى توختىۋەتتى.
رۇس مەتبۇئاتىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىسىردا چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايرۇپىلانى تۇنجى قېتىم 1997-يىلى 9-مايدا ئۇچۇشقا باشلىغان.
بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ئىلگىرى قونۇش ئەسناسىدا قۇيرۇقى يەرگە سۈركىلىپ كېتىپ رىمونت قىلىنغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.
ئايرۇپىلاننىڭ لىيۇتچۈكلىرى ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم موتوردا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر