سابىق پىرېزىدېنت گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ

گىرۇزىيە ئەدلىيە مىنىستىرى تې تىسۇلۇكانى دۆلەت ئاساسى قانۇنىغا كۆرە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا ۋالىيسى ۋە گىرۇزىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مېخائىل سائاكاشۋىلىنى گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ باشلانلغانلىقىنى ئېيتتى.

360757
سابىق پىرېزىدېنت گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سائاكاشۋىلى گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغان بولدى.
گىرۇزىيە ئادلىيە مىنىستىرلىقى سابىق پىرېزىدېنت مىخائېل سائاكاشۋىلىنى گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
گىرۇزىيە ئەدلىيە مىنىستىرى تې تىسۇلۇكانى دۆلەت ئاساسى قانۇنىغا كۆرە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا ۋالىيسى ۋە گىرۇزىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مېخائىل سائاكاشۋىلىنى گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ باشلانلغانلىقىنى ئېيتتى.
تې تىسۇلۇكانى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سائاكاشۋىلىنىڭ ئۇكرائىنا گەزەژدانى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان رەسمىي ھۆججەتلەرنى 23 - ئۆكتەبىردە ئاكرائىنانىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
گىرۇزىيە دۆلەت ئاساسى قانۇنىنىڭ 12 - ماددىسىغا بىنائەن گىرۇزىيەدە قوش گەزەژدانلىق ھوقۇقى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان تې تىسۇلۇكانى قانۇنغا ماس ھالدا سائاكاشۋىلىنى گەرەژدانلىقتىن چىقىرىپ تاشلاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
تې تىسۇلۇكانى يەنە، سابىق پىرېزىدېنتقا قولىدىكى گەرەژدانلىقلاردىن بىرىنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك مۇددەت بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى..


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر