مىسىردا بىر رۇس ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا بىر رۇس ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

406104
مىسىردا بىر رۇس ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ شەرمۇش شەيخ شەھىرىدىن سېن پېتېرسبۇرگ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلاندا 17 بالا بولۇپ، جەمئىي 217 يولۇچى ۋە 7 ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى.
مىسىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلان شەرمۇش شەيختىن قوزغىلىپ 23 مىنۇت ئۆتكەندە چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاننىڭ قالدۇقى ئەر ئەرىشنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق ئەل ھاسەنە رايونىدا تېپىلغان بولۇپ، نەق مەيدانغا 45 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يوللانغان. مىسىر باش مىنىستىرى شېرىف ئىسمائىلمۇ نەق مەيدانغا كەتكەن.
رۇسىيەنىڭ قاھىرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيە پۇقراسى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ، رۇس ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىشى ئۈچۈن يوليۇرۇق چۈشۈرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر