ئىراقتا راكېتامىيۇت ھۇجۇمىدا 23 كىشى قازا قىلدى
ئىراقتا ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن راكېتامىيۇت ھۇجۇمىدا 23 كىشى قازا قىلدى.
404134
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغدادنىڭ غەربىدىكى خەلقئارا پورتقا يېقىن لىبېرتى ھەربىي بازىسىدا ئىرانلىق ئۆكتىچى «خەلق مۇجاھىدلىرى تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى تۇرۇۋاتاتتى.
6 دانە راكېتامىيۇت ھۇجۇمىدا 3 ئىراقلىق ئەسكەر بىلەن 20 ئىرانلىق ئۆكتىچى ئۆلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن ئايرودۇرۇمدا ھاۋا قاتنىشى ئاقساپ قالغان.