بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە 14 جانغا زامىن بولدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى دۇما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

403962
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە 14 جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇمادىكى پۇقرالار قوغدىنىش مەسئۇللىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى دەمەشىقنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىدىكى دۇما ناھىيەسىنىڭ بىر ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا، 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 25 ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار ساھرا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان. بومباردىمان قىلىغان جايلاردا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۆي، دۇكان ۋە خىزمەت بىنالىرى ۋەيران بولغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر