ئىراقتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 10 كىشى قازا قىلدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە دىيالە رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 10 كىشى قازا قىلدى.
402828
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغدادنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدا 4 قول بومبىسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 23 كىشى يارىلاندى.
مالىيە مىنىستىرلىقى ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى ئوققا تۇتۇلۇپ، 1 كىشى ئۆلدى.
بىر دوختۇرخانىنىڭ باشلىقىمۇ باغدادتىكى ئۆيىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ۋەقەدە 2 كىشى يارىلاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دىيالە رايونىدا شىئە قىسىملىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىمۇ 2 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يارىلاندى.