نېتانياھۇ پەلەستىنلىكلەرنى شەرقىي قۇددۇسقا قوغلىۋەتمەكچى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئۆتكەن ھەپتە 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى پەلەستىنلىكلەرگە دۆڭگەپ قويۇشقا ئۇرۇنۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.
401633
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانياھۇنىڭ بۇ قېتىم شەرقىي قۇددۇسنىڭ بىر قىسىم مەھەللىلىرىدە ياشاۋاتقان 80 مىڭ پەلەستىنلىكنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېتانياھۇ بۇ پىلانىنى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.