خىتاي ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى: يوق يەردىن پۇتاق چىقارماڭ!

بېيجىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا يوق يەردىن پۇتاق چىقارماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

401298
خىتاي ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى: يوق يەردىن پۇتاق چىقارماڭ!

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتايغا ئائىت ئاراللارغا 12 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى مۇساپىگە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ھەققىدە توختالغاندا، بېيجىڭنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، راست شۇنداق بولغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ئويلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۈچۈن يېڭى مەركەز ۋە ئۇرۇش ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما خىتاينىڭ بۇ مۇئەسسەسەلەرگە قانداق قورال – ياراغلار ۋە ھەربىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەيۋەن، خىتاي، برۇنېي، مالايشىيا، ۋېيتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە بېلىقچىلىق مەنبەلىرىگە ناھايىتى باي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى بىزنىڭ دەپ قارايدىكەن.
خىتاي بۇ دەۋاسىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن بۇ يەردە سۈنئىي ئاراللارنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر