كېررى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى.
399148
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەدە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
ئامېرىكا، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئالدىنقى كۈنى ۋىيېننادا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەنىدى.