يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى قازا قىلدى
يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ تائىز شەھىرىدە ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان راكېتامىيۇت ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى قازا قىلدى، 80 كىشى يارىلاندى.
396634
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت سەنئا بىلەن ئەدەن ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تائىز شەھىرى ئۇدا 6 ئايدىن بۇيان ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.
پىرېزىدېنت ئابدۇرراھمان مەنسۇر ھادىغا قاراشلىق خەلق تىركىشىش كۈچلىرى بىرقانچە ئاي بۇرۇن كونىترول ئاستىغا ئالغان شەھەرنىڭ كىرىش قىسمى ھۇسىيلارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.