ئىراندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 18 نەپىرى ئافغانىستانلىق بولۇپ جەمئىي 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
393902
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋىرىگە ئاسلانغاندا، قۇم شەھىرىنىڭ كونا يولىدا بىر يۈك ماشىنىسى، بىر مىنىبۇس ۋە ئاپتوموبىل بىر – بىرىگە سوقۇلۇپ زەنجىرسىمان قاتناش ھادىسى يۈز بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقە يۈك ماشىنىسىنىڭ خاتا يانداپ مېڭىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن.