سۈرىيەدە نۇرغۇن دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيەدە دائېش مىلىتانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇن دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

393892
سۈرىيەدە نۇرغۇن دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامادا يەكشەنبە كېچىدە دائېش بازىلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.
راككادىن ھامانىڭ بىر يېزىسىغا قاراپ يولغا چىققاندا زەربىگە ئۇچرىغان دائېش مىلىتانلىرىدىن ئەڭ ئاز 40ى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۆكتىچىلەر ھۇجۇمنىڭ رۇس ياكى سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن دائېشنىڭ راككادىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى لازىقىيە، ھاما، دەمەشىق ۋە ھالەپتە 50دىن ئارتۇق بازىنى بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇنېللارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۆكتىچىلەر بولسا ھۇمۇستا رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ بىر جىنازا مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنى بومباردىمان قىلىپ، 4 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە ئەسكەرلىرىمۇ ھۇمۇس رايونىدا رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا يەنە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پېنتاگونمۇ سۈرىيەدە ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، ئەل قائىدىگە چېتىشلىق خوراسان مىلىتانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى سەنافى ئەل ناسىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولغان ئەل ناسىر پارس قولتۇقى رايونىدا يىغقان ئىئانىلەرنى ئەل قائىدىگە يەتكۈزۈپ بېرىشتىن باشقا، تەشكىلاتقا ئەزا يىغىپ كېلىۋاتاتتى.
ئەل ناسىر خوراسان مىلىتانلىرىنىڭ كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيەدىن ئىراقنىڭ ئەنبار شەھىرىگە 3 ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ياردىمى ئاستىدا كىرگەن دائېش مىلىتانلىرى ۋە رامادىغا قاراشلىق ئەل قايىم ناھىيەسىدىمۇ تەشكىلاتقا تەۋە بىر قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 11 قوماندان بىلەن 65 مىلىتان ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر