ئۆكتىچىلەر سۈرىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا ھەلەبنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغان ئەسەد كۈچلىرىنى چېكىندۈردى.

355421
ئۆكتىچىلەر سۈرىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا ھەلەبنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغان ئەسەد كۈچلىرىنى چېكىندۈردى. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئۆكتىچىلەر 35 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى، 5 تانكا ، 8 تۆمۈر تاپان ئاپتوموبىلنى يوقىتىپ تاشلىدى.

ئۆكتىچى كۈچلەر شەھەرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئابتەيىن يېزىسىغا يېقىن يەردە سۈرىيە كۈچلىرىگە تەۋە تۆمۈر تاپان خادىملىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئالدىنقى سەپتە چارلاش ئېلىپ باردى. ھەلەبنىڭ جەنۇبىدىكى ھەلخەدر ۋە ئەلئەيس بازارلىرى ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلار ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەم ئۆي – ماكانلىرىنى تەشلاپ، بىخەتەر رايونلارغا كۆچتى.

رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى مەرج ۋە زەربە رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە بەزى پۇقرالار يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر