ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۈچلەر خاتا نىشاننى بومباردىمان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر سەۋەنلىك بىلەن پىرېزىدېنت مەنسۇر ھادى تەرەپدارلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

393645
ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۈچلەر خاتا نىشاننى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 40 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمى توقۇنۇشلار شىددەتلىنىپ كەتكەن تەئىز شەھىرىگە يېقىن جايغا قارىتىلدى. بىر خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدار بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بايانات بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىنىڭ خاتا نۇقتىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

بومباردىمان ھۇسىيلارنىڭ ئورنىغا رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىرېزىدېنت ھادى تەرەپدارى كۈچلەر نىشانغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر