«ئەسەد سۈرىيەنىڭ نېفىتىنى دائېشقا، زېمىنىنى PYD غا ساتتى!»

«‹ساباھ› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەششار ئەسەد ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلسۇن دەپ ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دۆلىتىنى ساتقان.

355255
«ئەسەد سۈرىيەنىڭ نېفىتىنى دائېشقا، زېمىنىنى PYD غا ساتتى!»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، «بەششار ئەسەد بىلەن دائېش 28 – ماي كۈنى ھاسېكىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان، بىزدە دەلىل – ئىسپاتلار بار» دېگەن. گېزىت، باش مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزىدىن يولغا چىقىپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دائېش بىلەن بەششار ئەسەد سۆھبەت جەريانىدا مۇنداق كېلىشىم تۈزگەن:
دائېش PYD نىڭ كونتىروللۇقدىكى كوردلار ياشاۋاتقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئورتاق دۈشمەن ئۆكتىچى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بولىدۇ. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قارشى دائېش قۇرۇقلۇقتىن، بەششار ئەسەد كۈچلىرى بولسا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغايدۇ.
سۆھبەت جەريانىدا بەششار ئەسەد دائېشتىن دەمەشق ئەتراپىدىكى گۇتا رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەيشۇل ئىسلام «ئىسلام قوشۇنى» تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى زەھران ئالۇش قاتارلىق كۈچلۈك ئۆكتىچى رەھبەرلەرنى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر