ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بەرمەكتە
ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالائەددىن بۇرۇجەردى باشچىلىقىدىكى ئىرانلىق پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت دەمەشقتە زىيارەتتە بولدى. ھەيئەت سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەيئەت ئۇچرىشىشتا ئىراننىڭ سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۆكتىچىلەرگە قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
ھەيئەت باشلىقى ئالائەددىن بۇرۇجەردى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەمەشق تەلەپ قىلغان تەقدىردە، تېھراننىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تېھراننىڭ ھەربىي مەسلىچەتلىك جەھەتتىن ئىراق بىلەن سۈرىيەگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇرۇجەردى، بۇ ئىككى دۆلەتتىن بۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەردىمۇ تەلەپ كەلگەن تەقدىردە يەنە ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.