رۇسىيە: سۈرىيەلىك كوردلارغا قورال - ياراغ بەرمىدۇق

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەلىك كوردلارغا قورال - ياراغ ئەۋەتمىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

354771
رۇسىيە: سۈرىيەلىك كوردلارغا قورال - ياراغ بەرمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، PYD غا قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، موسكۋا بايانات ئېلان قىلدى.
مىخائىل بوگدانوۋ موسكۋادا چاقىرىلغان: «تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى» سەرلەۋھىلىك بىر كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەلىك كوردلارغا قورال - ياراغ ئەۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوگدانوۋ، «تۈركىيە بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز، يېقىندا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى سۈرىيە ۋە باشقا مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رۇسىيە ئارمىيەسىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە كەلدى.
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال سېرگېي درونوۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىدا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش ۋە بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
3 – ۋە 4 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇخسەتسىز ھالدا تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن، بۇ ھادىسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر