رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكى كىرىزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ئىزاھات بەردى

رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رۇسىيە ئارمىيەسىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە كەلدى.

354780
رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكى كىرىزىسى مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال سېرگېي درونوۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىدا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش ۋە بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
3 – ۋە 4 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇخسەتسىز ھالدا تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن، بۇ ھادىسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر