پەلەستىن بايرىقى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىىدىمۇ لەپىلدىمەكتە

پەلەستىن بايرىقى نىيۇ يورك ۋە ۋىيانادىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغىمۇ قادالدى.

354195
پەلەستىن بايرىقى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىىدىمۇ لەپىلدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى مايكېل مۆللېر، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ۋە كۆپ ساندىكى دىپلوماتلار ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا پەلەستىن ۋە ۋاتىكان بايراقلىرى قادالدى.
مۆللېر، مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، پەلەستىن بايرىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا لەرزان لەپىلدىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مالىكى، «پەلەستىن بايرىقىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا لەپىلدىتىش ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ كىملىكىنى ھەرگىزمۇ يوقىتالمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىشغالچى كۈچ ئىسرائىلىيەگە سىگنال بېرىۋاتىمىز» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «ئەزا بولمىغان كۆزەتكۈچى دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پەلەستىننىڭ بايرىقى، 30 – سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا قوبۇل قىلىنغان قارارغا ئاساسەن، ب د ت نىڭ نىيۇ يوركتىكى بىناسىغا، دۈشەنبە كۈنى ۋىيانادىكى بىناسىغا قادالغان، شۇنىڭ بىلەن پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى يولىدا مۇھىم بىر بوسۇغىدىن ئۆتۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر