كوسوۋا توقۇنۇشلارغا سەھنە بولدى

كوسوۋادا ساقچىلار بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

353432
كوسوۋا توقۇنۇشلارغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋادا تۈنۈگۈن قولغا ئېلىنغان ۋېتۋېندوسيې ھەرىكىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئالبىن كۇرتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.
پايتەخت پىرىشتىنادا كۇرتىن قولغا ئېلىنغان تۇرما ئالدىغا كەلگەن نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ئاتتى.
ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ ۋەزىيەتنى كونتروپ قىلىشقا ئۇرۇندى. تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان پارلامېنتنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان ۋېتۋېندوسيې ھەرىكىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئالبىن كۇرتى سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.
كوسوۋاد سىرپلار قويۇق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا سىرپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان ۋېتۋېندوسيې ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنىڭ سىرپلار بىلەن ھاسىل بولغان كېلىشىمنى بېكار قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر