ئاۋسترالىيەمۇ مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ئاۋاز قوشتى

دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش پىكىرلىرىنى ئاۋسترالىيەمۇ قوللىدى.

391420
ئاۋسترالىيەمۇ مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ئاۋاز قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يىللىق 13 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىلانىغا قوشۇمچە قىلىپ يەنە 12 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشنى قارارلاشتۇردى.

ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىيوردانىيەنىڭ شىمالىدىكى سۈرىيەلىك 80 مىڭ مۇساپىر تۇرۇۋاتقان زائاتەرى مۇساپىرلار لاگېرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەن ئاۋسترالىيەلىك ئەمەلدارلار، ئۇ يەردىكى تۇنجى سۈرىيەلىك ئائىلىلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئاۋسترالىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر