ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نامايىشتا 1 كىشى ئۆلدى

رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ چىكىنىپ كېتىشىگە قارىتا رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى بارزانىنىڭ جاۋاپكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نامايىشچىلار بارزانىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

390965
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نامايىشتا 1 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رايونلاردا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشۋاتقان نامايىشلاردا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.
سۇلايمانىيەنىڭ شىمالىدىكى كالادزە ناھىيەسىدە ماسۇت بارزانى رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە بىناسىغا قاراپ يۈرۈشكە چىققان نامايىشچىلارغا ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىلىرى ئوق چىقاردى. نەتىجىدە بىر كىشى ئۆلۈپ، يەنە بىر كىشى يارىدار بولدى.
رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ چىكىنىپ كېتىشىگە قارىتا رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى بارزانىنىڭ جاۋاپكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نامايىشچىلار بارزانىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
2014 – يىلى باغدات مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت كىرىمىدىن رايونغا ئايرىلىدىغان ھەسسىنى توسۇپ قىلىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭمۇ ئېغىر سىياسي ۋە ئىقتىسادى يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنى كادىرلارنىڭ مائىشىنى تارقىتىشتىمۇ قىينىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
رايوندا 2011 – يىلى پاراخورلۇق ۋە كىشىلەرنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ غولداپ كېتىشىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن نامايىشتىن بۇيان تۈنجى قېتىم خەلق ئاممىسى كوچىلارغا چىقىپ كەڭ - كۆلەملىك نايامىش ئۆتكۈزدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر