رۇسىيە ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر بازا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلاندى.

390892
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارغا تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلدى
رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالدىكى ئىدلىب شەھىرىدە قوزغىلاڭچىلارغا قاراشلىق ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر بازىغا قىلغان ھاۋا ھۇجىمىدا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 10 كىشى يارىدار بولدى.
ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بازا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلاندى.
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دائېش بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە مۇنتىزىم قىسىملارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق باشقا بازىلارنىمۇ بومباردىمان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر