رۇسىيە قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

باياناتتا يەنە، راككادا لىۋا ئەل ھەق گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن قوماندانلىق مەركىزىگە «KAB-500C» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە، 2 رايون قوماندانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 200 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

390881
رۇسىيە قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە قوزغىلاڭچىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ لىۋا ئەل ھەق گۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 200 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان نۇقتىلارغا قارىتا «Su-34»، «Su-24M» ۋە «Su-25» تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە 67 قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاۋا ھۇجۇمىدا راككا ھەلەپ، ھاما ۋە لازىقىيەدىكى نۇرغۇنلىغان نۇقتىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، راككادا لىۋا ئەل ھەق گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن قوماندانلىق مەركىزىگە «KAB-500C» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە، 2 رايون قوماندانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 200 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
لىۋا ئەل ھەق گۇرۇپپىسى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاساسلىق چوڭ قىسىم ھېسابلىنىدىغان فەتىھ ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا دەپمۇ تونىلىدۇ.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەپ ئەتراپىدىكى بازا سۈپىدە ئىشلىتىلىۋاتقان كونا بىر دوختۇرخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 100 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر