رۇسىيە: تۈركىيە چېگراسىنىمۇ قوغداشنى نىشان قىلىۋاتىمىز

رۇسىيە تۈركىيە چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم بايانات بەردى.

389771
رۇسىيە: تۈركىيە چېگراسىنىمۇ قوغداشنى نىشان قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم بايانات بەردى.

كىرېملىن سارىيى باياناتچىسى دىمىتري پېسكوۋ تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالغان باياناتچى، «بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ چېگراسىنىمۇ مۇھاپىزەت قىلىشنى كۆزلەۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

بۇ جەرياندا يېقىنقى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى. يۈز بەرگۈسى تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاۋادا ئالدىن كونترول قىلىش ۋە مەلۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان «HİK» ناملىق ئايروپىلان چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەشكە ئاجرىتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بىر تەھدىت «HİK» بايقايدۇ، نۆۋىتى كەلسە ھاۋادا تۇرغۇزۇپ بىتەرەپ قىلىۋېتىدۇ.

تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدىكى ھاۋادا چارلاش ئېلىپ بېرىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئورۇندايدۇ. «تىنچلىق بۈركۈتى قۇرۇلۇشى» لايىھەسى دائىرىسىدە سېتىۋېلىنغان چېگرا بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتچىسى ھېسابلىنىدىغان «HİK» مۇ بىخەتەرلىكنى ساقلاشتا F-16 لار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ.

«HİK» لارنىڭ ئۈستىدە 360 گىرادۇسلۇق كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇقىم رادارلار بار بولۇپ، ئۇ جۇغراپىيەلىك توسۇقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن يۈزلەرچە كىلومېتىرلىق رايوننى كۈزىتەلەيدۇ، ئېلېكترونلۇق قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە نىشاننى بۇرىۋېتىش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ھاۋادا ماي زاپاسلىغىلى بولىدىغان «HİK» ئايروپىلانى 20 سائەت بويىچە ئۆزلۈكسىز ئۇچالايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر