ناتو تۈركىيەنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوللىدى

رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ۋە تۈركىيە ئايروپىلانلىرىغا دەخلى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) تۈركىيەنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.

389677
ناتو تۈركىيەنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارشى قوغداشقا تەييارمىز» دېدى.
ستولتېنبېرگ، رۇسىيەگە، «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى قويۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىڭ» تەرىقىسىدە چاقىرىقتا بولدى.
بۇ ئارىلىقتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى.
يىغىندا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە بۇنىڭ كۆرسەتكۈسى نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئەنگلىيەمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مايكېل فېلىن موسكۋانىڭ سۈرىيەنىڭ خەۋپلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.
فېلىن، رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ بالتىق دۆلەتلىرىگە ئاز ساندا ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر