فىرانسىيە تەبىئىي ئاپەتكە دۇچ كەلدى
فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگە شىددەتلىك بوران ۋە سەل ئاپىتىدە 12 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
387278
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار ئەمەلدارلار كوددازۇردىكى بىر دەريانىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە قېرىلار ساناتورىيەسىدىكى 3 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.
5 ئادەم ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىشقا تىرىشىۋاتقان پەيتتە، 3 كىشى بىر تونېلدا قاپسىلىپ قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. 60 ياشلىق بىر ئايالنىڭمۇ ئاپەت جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلدى.
رايوندىكى 35 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي – ماكاندا توك توختاپ كەتتى، ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.