ئىتالىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارغا يەنە بىر قېتىم مۇداخىلە قىلدى

يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەرنىڭ ھېچبىرى مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

348187
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارغا يەنە بىر قېتىم مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا قاچقان مۇساپىرلار سانىنىڭ يېرىم مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مۇساپىرلار ئەڭ دەسلەپ قەدەم باسىدىغان دۆلەتلەردىن ئىتالىيەنىڭ فىرانسىيە چېگراسىغا جايلاشقان ۋېنتىمىلىئا بازىرىدا كۈتۈپ يېتىۋاتقان مۇساپىرلار مۇداخىلىگە ئۇچرىدى.

بۇ جەرياندا توقۇنۇش ۋە يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە ئۈمىد سەپىرىگە ئاتلانغان يەنە 1400 كىشى ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىش يولىنى تاللايدىغانلارنىڭ %54 نى سۈرىيەلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان بۇ خەتەرلىك سەپەر ئەسناسىدا دېڭىزدا غايىپ بولۇپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 3 مىڭغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر