تېھران بىلەن رىياد ئارىسىدىكى ھاجىلار كىرىزىسى داۋام قىلماقتا

ئىران ھەج ۋە زىيارەت ئورگىنى باشلىقى سەئىد ئەھۋەدى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى شەيتانغا تاش ئېتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن قىستاڭچىلىقتا كەم دېگەندىمۇ 4700 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

385803
تېھران بىلەن رىياد ئارىسىدىكى ھاجىلار كىرىزىسى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئىرىنننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەئىد ئەھۋەدى، ھېلىھەم 21 يۈك ئاپتوموبىلىدا كەم دېگەندىمۇ 3 مىڭ جەسەتنىڭ بوشىتىش ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. قىستاڭچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىرانلىقلار سانىنىڭ 228 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەھۋەدى، ھازىرغىچە ئۇچۇرلىشىش مۇمكىن بولمايۋاتقان 248 ئىرانلىقنىڭ بارلىقىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ جەسەتلەرنى دۆلەتلىرىگە ئەۋەتمەستىن كوللېكتىپ ھالەتتە دەپنە قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەر ھەققىدە توختالغان ئەھۋەدى، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، ئىراننىڭ ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدىكى دەۋالىرىنى رەت قىلدى.

بۇ جەرياندا ب د ت نىڭ 70- نۆۋەتلىك يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بارغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆلۈپ كەتكەن پۇقرالىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ، دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان 4- قېتىم چاقىرتتى. باش ئەلچى رىياد دائىرىلىرىنىڭ يۇقاپ كەتكەن ئىرانلىقلارنىڭ تېپىلىشى، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكلىرىنىڭ بېكىتىلىپ جەسەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر