«رۇسىيەنىڭ مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇرۇۋېتىش»

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇكرائىنا ۋە قىرىمدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن باشقا ياققا بۇرۇۋېتىشنى نىشان قىلىدۇ.

386000
«رۇسىيەنىڭ مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇرۇۋېتىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىبراھىم قالىن، رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ياردەم بېرىشىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە قىرىمدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن باشقا ياققا بۇرۇۋېتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىبراھىم قالىن، «‹ Daily Sabah› گېزىتى» دە يازغان ماقالىسىدە، «قانخور زالىمنى ئەمەس، ئەكسىچە مەزلۇم سۈرىيە خەلقىنى قۇتۇلدۇۋېلىڭلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، رۇسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان دائېشنى يوقىتىش نامىدىن سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىشى ۋە سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەدكە ياردەم بېرىشىنىڭ، يېڭى بىر سىياسىي تالاش - تارتىش دولقۇنى ۋە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېشنىڭ بىر – بىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە بىر – بىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «دائېش خەۋپىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلار دەل ئەكسىچە ئىش قىلماقتا. ئەسلىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى دائېشنىڭ تۇغۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن» دېدى.
لازقىيەدىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىنىڭ موسكۋا ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، «غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زورايتتى. رۇسىيە – ئىران ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئاساسلىق نىشانى دائېشقا زەربە بېرىشتىنمۇ كۆرە ئۆزلىرىگە پايدىلىق سىياسىي نەتىجىگە ئېرىشىش» دېدى. ئىبراھىم قالىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىنىۋېلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتىنمۇ كۆرە سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق تالاش – تارتىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، پۇتىننىڭ ئۇدا 10 يىلدىن بۇيان قاتناشمىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك رايونلۇق تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇقەررەر. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنى قوللىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆكتىچىلەر سىياسىي باسقۇچتا ئاكتىپ رول ئوينىيالىشى، سۈرىيە خەلقىنى قوغدىيالىشى، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، دېموكراتىيە، خەلقچىللىق، ئوچۇق – يورۇقلۇق ئاساسىدا يېڭى بىر سۈرىيەنى قۇرۇپ چىقالىشى مۇمكىن. بىتەرەپ رايون بەرپا قىلىنىشى، سۈرىيە خەلقىنىڭ بىر تەرەپتىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، يەنە بىر تەرەپتىن، دائېش ھۇجۇملىرىغا قارشى ئەركىن نەپەسلىنەلەيدىغان بىر جايغا ئېرىشىش جەھەتتىن مۇھىم بىر قەدەم بولىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر