گۇاڭشى ليۇچېڭدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

گۇاڭشىنىڭ ليۇچېڭ ناھىيەسىدە 13 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئەڭ ئاز 3 ئادەم ئۆلدى، 13 ئادەم يارىلاندى.

348166
گۇاڭشى ليۇچېڭدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە گۇاڭشىنىڭ ليۇچېڭ ناھىيەسىدە بىر كۈن ئىچىدە 13 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاز 3 ئادەم ئۆلدى، 13 ئادەم يارىلاندى.
ليۇجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى جۇۋ چاڭ چىڭ خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرچە پارتلاش ۋەقەلىرىنى جىنايى قىلمىشلار دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقلىرىنى، ۋەقە ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يەرلىك گېزىت بولغان «جەنۇبىي سەھەر ۋاقتى گېزىتى» ليۇچېڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ناھىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن 13 قېتىم پارتلاش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پارتلاش ۋەقەلىرى سودا-سېتىق مەركىزى، تۇرما، دافۇ بازارلىق ھۆكۈمەت، تاللا بازىرى، پويىز ئىستانسىسى، دوختۇرخانا، مال دوختۇرخانىسى، كۆكتات بازىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
گېزىتتە بىلدۈرۈشىچە بۈگۈن خىتاي ۋاقتى 17:14 ئۆتكەندە ليۇچېڭ ناھىيەلىك تەپتىش ئىدارىسى خەلق ئاممىسىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «ناھىيىمىزدە زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، خەلق ئاممىسىنىڭ كەلگەن پوسۇلكىلارنى ئاچماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭشى ليۇجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 30-سېنتەبىردە ليۇجۇ شەھىرىدىمۇ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر