ئىران: مىنادىكى پاجىئەدە ئەڭ ئاز 4700 ھاجى قازا قىلدى

ئىران ھەجدە يۈز بەرگەن پاجىئەدە 769 ئەمەس ئەڭ ئاز 4700 ھاجى قازا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

385457
ئىران: مىنادىكى پاجىئەدە ئەڭ ئاز 4700 ھاجى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھەج مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن پاجىئە توغرىسىدا قورقۇنچلۇق قاراش ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىران ھەج ۋە زىيارەت ئىدارىسى مىنادا يۈز بەرگەن دەسسلىپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ھاجى سانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرلىرى بىلدۈرگەندەك 769 ئەمەس، ئەڭ ئاز 4700 ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مەزكۇر ئىدارىنىڭ باشلىقى ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەج مەزگىلىدە مىنادا مەيدانغا كەلگەن پاجىئە ھەققىدە توختىلىپ، ھېلىھەم 21 يۈك ماشىنىسىدا ئەڭ ئاز 3000 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ تىراگېدىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگىمۇ كەلدى.
ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىران پىرىزېدېنتى ھەسەن رۇھانى، سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەنقىد قىلىپ، ۋەقەنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
رۇھانى مەنىۋى مەقسەت ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان قېرى-ياش، ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىدارسىز ۋە ناچار ھاكىمىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ قېتىمقى پاجىئەگە تەبىئىي ئاپەتكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر