ھەممىنىڭ دىققىتى ب د ت غا مەركەزلەشتى

خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ دىققىتى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئايىغى ياۋروپا بوسۇغىسىغا يېتىپ بېرىشى بىلەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتى.

385436
ھەممىنىڭ دىققىتى ب د ت غا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (28 – سېنتەبىر) باشلىنىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەدبىرلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئومۇمىي كېڭەشتە قىلغان سۆزلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئوباما بىلەن پۇتىننىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى ۋە مەقسىتىنىڭ، ئوباما بىلەن پۇتىن ئۇچرىشىشىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 30 – سېنتەبىر (چارشەنبە) رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە توپلىنىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى توقۇنۇشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ يىغىندىمۇ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا. شۇ كۈنى يەنە، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالىي رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشىدا يىغىن چاقىرىدۇ. بۇ يىغىندا، مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ياردەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر