بىر يىل ئىچىدە دائېشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 30 مىڭغا يەتتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) قا قاتناشقان چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ سانى بىر يىل ئىچىدە ئىككى ھەسسە ئېشىپ 30 مىڭغا يەتتى.

385404
بىر يىل ئىچىدە دائېشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 30 مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بارلىق تەدبىرلەر ئېلىنغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئايدا 100 دۆلەتتىن مىڭ جەڭچى سۈرىيە بىلەن ئىراققا بېرىپ، دائېش سەپلىرىگە قاتناشقان.
نىيۇ يورك تايمىس گېزىتىنىڭ ئىستىخبارات ۋە كونگرە ئەزالىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2014 – يىلى 15 مىڭ بولغان بۇ رەقەمنىڭ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا بومباردىمانلىرى، تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش ۋە ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى نەچچە ھەسسە كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارشى كۆپەيگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇتەخەسسىسلەر، دائېشنىڭ بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەزا توپلاشتا ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر