فابيۇس: سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئەسەدنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ

فابيۇس سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ، سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق قالايمىقانچىلىققا جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

392430
فابيۇس: سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئەسەدنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇرېنت فابيۇس سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فابيۇس سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ، سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق قالايمىقانچىلىققا جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
فابيۇس يەنە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا دائىر نىيىتىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئوچۇق ئېلان قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر