رۇسىيەنىڭ سۈرىيە قارارى ئىسرائىلىيەنى چۆچۈچىۋەتتى
رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي نوپۇزىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى قارار قىلىشى ئىسرائىلىيەنى چۆچۈچىۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي نوپۇزىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلىشى ئىسرائىلىيەنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋەتتى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ موسكوۋاغا قاراپ يول ئالدى. رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغان نېتانياھۇغا رۇسىيە زىيارىتىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى گېنېرال گادى ئېسېنكوت ھەمراھ بولىدۇ.
نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كۆرۈشۈشتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش مەقسىتىدە بارغانچە ئېشىۋاتقان رۇس تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىنغانلىقى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.»
رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكوۋانىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.