ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى نازارەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

شەرقىي قۇددۇستا 5 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 7 پەلەستىنلىك نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

390573
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى نازارەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، «تەرتىپ – ئىنتىزامنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش جەريانىدا ساقچىلارغا تاش ئاتقان 5 بالىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەھۇدىيلار ئۈچۈن يېڭى يىل ھېسابلىنىدىغان «روش ئاشانا» بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 50 يەھۇدىي كۆچمەن يېزا – ئىگىلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئۇرى ئارىئېلنىڭ ھەمرالىقىدا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقساغا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەر ساقچىلارنىڭ ئاۋاز بومبىسى، ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە پىلاستىك ئوق ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلىشىغا ئۇچرىغان، مۇداخىلە جەريانىدا ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر