كانادا 10 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

كانادا پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كانادانىڭ 10 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

352144
كانادا 10 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كىرس ئالېكساندېر تورونتودا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 10 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد تۈزۈمى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى سەۋەبىدىن رايوندا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆي – ماكان ۋە يەر – زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئالېكساندېر، «2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى پىلانىمىزنى 15 ئالدىغا تارتتۇق. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 10 مىڭ سۈرىيەلىك رەسمىيەتلىرى تولۇقلانغاندىن كېيىنكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېدى.

مىنىستىر ئالېكساندېر كانادا پۇقرالىرىدىن ئائىلىلەرگە ياكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلاردىن مۇساپىرلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلار چىقسا، ئۇ ساننىڭ ئېلان قىلىنغان سانغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر