ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزدى

ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزۈلدى.

390387
ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى يۇكيا ئامانو كېلىشىم دائىرىسىدە تەكشۈرۈشلەردە بولۇش ۋە ئىران دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تېھرانغا يۈرۈپ كەتتى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراندا 2003 – يىلغىچە داۋاملاشقان يادرو پىروگراممىسىنى ھەربىي تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
زىيارەتتە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى كۆزگە چېلىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 14 – ئىيۇن كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىماللىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر