مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسىگە نارازىلىق نامايىشىدا 7 كىشى يارىلاندى

پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈشى جەريانىدا 7 كىشى يارىلاندى.

390076
مەسجىدى ئەقسا ۋەقەسىگە نارازىلىق نامايىشىدا 7 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدە ياشاۋاتقان پەلەستىن خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن، كەڭ خەلق ئاممىسى تەشكىللىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان، بۇ جەرياندا 7 پەلەستىنلىك يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پاسكىنا سۇ بىلەن مۇداخىلە قىلغان.
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ياشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان.
بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا غەززەدىن راكېتامىيوت قويۇل بېرىلگەن، ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بىر ھەربىي بازىنى بومباردىمان قىلغان. ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر