مىسىردا يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

مىسىردا شەرىف ئىسمائىل باشچىلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان لىدەر ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ ئالدىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

390295
مىسىردا يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى، باش مىنىستىر ئىبراھىم مىھلىب ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، نېفىت ۋە كان بايلىقلىرى مىنىستىرى شەرىف ئىسمائىلغا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى.
ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سىسى دەۋرىنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمىتىدە 36 مىنىستىرلىق 33 كە چۈشۈرۈلدى. مىھلىب چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى. باش مىنىستىر ئىبراھىم مىھلىب ئۆتكەن شەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت سىسى نېفىت ۋە كان بايلىقلىرى مىنىستىرى شەرىف ئىسمائىلغا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر